رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتىدۇ
بۇ قېتىمقى يىغىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدە چاقىرىلىدىغان يىللىق يىغىنىدىن بۇرۇن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ كېلەر ئاي چاقىرىلىدىغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى يىغىن توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېگەن: خىتايدا " كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى ئەمەلىيەتتە قاتتىق باستۇرۇش، خالىغانچە قولغا ئېلىش، تۇتقۇن قىلىش، ئىپتىدائىي ئۇسۇللار بىلەن جازالاش ۋە تەن جازاسى بېرىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماقتا.
بۇ ساھەلەر تىبەت ۋە شىنجاڭدا مەدەنىيەت ئاپتونومىيىسى ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى، مۇخبىرلار ۋە خەلق ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرىنىڭ سۆز ئەركىنلىكى، دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقى، ئادىل سوتلىنىش، قانۇنى ۋاكالەتچى تەكلىپ قىلىش ھوقۇقى، ئەمگەك ھوقۇقى، تەن جازاسىدىن خالى بولۇش ھوقۇقى شۇنداقلا مەجبۇرىي كۆچمەن يۆتكەشكە قارشى تۇرۇش ھوقۇقى قاتارلىقلارغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ."
سەيشەنبە كۈنى يىغىندا رابىيە قادىر خانىم گۇۋاھلىق بەرگەندىن سىرت ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، لوگەي فوندى جەمئىيىتى، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى گۇۋاھلىقتىن ئۆتىدىكەن.