رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا

ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ۋە شىمالىي كارولاينا شىتاتلىرىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، چارشەنبە كۈنى كېچىسى ۋاشىنگتونغا قايتىپ كەلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2008.10.23

رابىيە قادىر خانىم 10 ‏ - ئاينىڭ 19 ‏ - كۈنى كالىفورنىيىدە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەشكىللەنگەن خاتىرىلەش مۇراسىمىغا، 12 دۆلەتتىن كەلگەن 700 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق جەڭچىلىرى بىرگە قاتنىشىپ، مۇراسىم ئىشتىراكچىلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى. رابىيە خانىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە قىلغان " ئۇيغۇرلارنى ھەرگىز ئۇنۇتماڭلار" دېگەن ئىلتىجاسى، گۈلدۇراس ئالقىشلار ئىچىدە " ئۇيغۇرلار ئۇنتۇلمايدۇ" دېگەن ئورتاق ئاۋازغا ئېرىشكەن.

10 ‏ - ئاينىڭ 21 ‏ - كۈنى، رابىيە قادىر خانىم، شىمالىي كارولاينا شىتاتىدىكى مەشھۇر دەۋىدسون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلىتىپ، كەلگۈسىدە ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدە رول ئوينايدىغان زىيالىيلارنىڭ ھېسداشلىقىغا ئىگە بولغان.

رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىغا كەلگەن 3 يىلدىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق چوڭ شىتاتلىرىدا ۋە 20 دىن ئارتۇق دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى. رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ، نوبىل مۇكاپاتىغا مۇيەسسەر بولۇشى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇسى بولۇپ قالدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.