ئاۋستىرالىيە رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بەرگەن

ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېسىمىغا قارىماي دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بېرىپ، ئۇنىڭ 8 - ئاۋغۇست كۈنى مىلبورىندىكى ئاۋستىرالىيە خەلقئارا كىنو فېستىۋالىغا قاتنىشىشىغا يول ئېچىپ بەردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-07-31
Share

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ رابىيە قادىر خانىم توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ۋىزا بەرمەسلىكنىڭ سەۋەبى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

ئاۋستىرالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىمىس، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ۋىزا ئالغانلىقىنى، كېلەر ھەپتە ئاۋستىرالىيىگە كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى 5‏ - ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى قوزغىغان دەپ ئەيىبلەپ، ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇنىڭغا ۋىزا بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان. سىمىس، رابىيە خانىمغا ئاۋستىرالىيە كۆچمەنلەر قانۇنىغا ئاساسەن ۋىزا بېرىلگەنلىكىنى، بۇ ئۇنىڭ ئاۋستىرالىيىنى 3 - قېتىم زىيارەت قىلىشى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

رابىيە خانىم ئاۋستىرالىيىدىكى زىيارىتى جەريانىدا خەلقئارا كىنو فېستىۋالىغا قاتنىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاۋستىرالىيە پارلامېنتى، مەتبۇئاتى ۋە ئاۋستىرالىيىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار بىلەن ئۇچرىشىشى مۇمكىن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت