رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى كىتاب 'ئەجدىھا بىلەن ئېلىشىش' شىۋېتچە نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا

شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە يېزىلغان "ئەجدىھا بىلەن ئېلىشىش" ناملىق كىتاب، شىۋېت تىلىدا نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كىتاب، 10 ‏- ئاينىڭ 5 ‏ - ياكى 6 ‏ - كۈنلىرى نەشردىن چىقماقچى. ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئىگىلىشىچە، كىتابنىڭ تۇنجى قېتىملىق تىراژى 5000 بولۇپ، كىتاب بازارغا سېلىنىشنىڭ ئالدىدا، شۋېتسىيە پارلامېنتىدا مەخسۇس مەزكۇر كىتابنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، مۇراسىمغا رابىيە قادىر خانىممۇ تەكلىپ قىلىنىشى مۇمكىن.

شۋېتسىيە نۆۋەتتە ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى. مەزكۇر كىتابنىڭ شىۋېتچە نەشر قىلىنىشى، شەرقى تۈركىستان داۋاسىنىڭ ياۋروپادا تونۇلۇشى ۋە ياۋروپادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.