رابىيە قادىر خانىم 2011-يىللىق رافتو مۇكاپاتى مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن نورۋېگىيىگە يېتىپ باردى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يول باشچىسى رابىيە قادىر خانىم، 2011-يىللىق رافتو مۇكاپات مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، تۈنۈگۈن ۋاشىنگتوندىن يولغا چىقىپ، بۈگۈن يەنى دۈشەنبە كۈنى نورۋېگىيىگە يېتىپ باردى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011-10-31
Share

رافتونىڭ مۇكاپات مۇراسىمى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇراسىمنىڭ ئالدىدا يەنى 3 ‏-نويابىردىن 5-نويابىرغىچە، رافتو مۇكاپات كومىتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئېچىلىپ، دۇنيانىڭ نۆۋەتتىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

بۇ يىللىق رافتو مۇكاپاتى ئۇگاندالىق ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى، جىنسىي ئاز سانلىقلار تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى فرانك مۇگىشاغا بېرىلگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىيە خانىم بۇ قېتىمقى يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ؛ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى پاش قىلىدۇ.

رابىيە خانىم خىتاي تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە يەنى 2004-يىلى رافتو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ شۇنىڭدىن بېرى رافتو مۇكاپاتىنىڭ ھەر يىللىق مۇكاپات مۇراسىمىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە خانىم نورۋېگىيىدىكى يىغىندىن كېيىن، يەنە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئىتالىيىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت