ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى ئاڭلىتىش بېرىۋاتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى بۈگۈن 1998‏ - يىلى 12 ‏ - ئاينىڭ 14 ‏ - كۈنىدىن ئېتىبارەن ئاڭلىتىش بېرىۋاتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008.12.17

خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ رەھبەرلىرى، ھەر قايسى تىل شۆبىلىرىنىڭ ۋە تېخنىكا بۆلۈم باشلىقلىرى قاتناشتى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دولقۇن قەمبىرى پائالىيەت ئەھلىگە، 10 يىلدىن بۇيان پۈتۈن خەلقئارالىق مەنبەئەلەردىن پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەت خادىملىرىنى، ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندىكى شەخسلەرنى ۋە خىتاي - ئۇيغۇر، خىتاي ‏ - رۇسىيە مەسىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئالىملار، سەنئەتكارلار، تارىخشۇناسلار، مائارىپچىلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى، ھۆكۈمەت بىلەن پىكرى ئوخشىمايدىغان شەخسلەرنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، چىرىكلىك، دىن، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات، تارىخ، ھاشار، قىز يۆتكەش، مۇھىت قاتارلىق تېمىلاردا ئۇيغۇرچە يېڭى خەۋەر، تەپسىلىي خەۋەر ۋە ئوبزور بېرىۋاتقانلىقىنى، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى رادىئو دولقۇنلىرىغا قاتتىق كاشىلا قىلىۋاتسىمۇ، ئۇيغۇرلار يەنىلا ھەر ئامال قىلىپ قىزىقىپ ئاڭلاپ مەزمۇنىدىن بەھرىمان بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ ئۇچۇرلار خەلقئارادا پايدىلىنىدىغان بىرىنچى قول ماتېرىيال بولۇپ قالغانلىقىنى تونۇشتۇردى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.