رۇسىيە ھازىر دۆلەت ئىگىلىكىدىكى 900 شىركەتنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇشقا باشلىدى

رۇسىيە ھازىر دۆلەت ئىگىلىكىدىكى 900 شىركەتنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇشقا باشلىدى. رۇسىيىنىڭ 1‏ - مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئىگور شۇۋالوف بۈگۈن ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا 'رۇسىيە كېلەركى بەش يىل ئىچىدە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى 900 شىركەتنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇپ بولىدۇ' دەپ جاكارلىدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، رۇسىيىدە ترانسنېفىت دەپ ئاتىلىدىغان نېفىت تۇرۇبا شىركىتىدىن باشقا، ھەتتا رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى رۇسىيە تۆمۈر يول شىركىتىنىڭ، رۇسىيىدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت شىركىتى بولغان گاز پۇرومنىڭ ۋە رۇسىيە سۇ ئېلېكتىر شىركىتىنىڭمۇ پاي - مەبلەغلىرىنىڭ بىر قىسىمى شەخسىيلەرگە سېتىلىۋىتىلىدىكەن.