روزا ئوتۇنبايېۋانى مەركىزىي ئاسىيادىكى تۇنجى ئۆز ئىختىيارى بويىچە ھوقۇقتىن ئايرىلغان پرېزىدېنت دەپ تەرىپلەندى

ئوتتۇرا ئاسىيا مەتبۇئاتلىرى، جۈملىدىن ئازادلىق رادىئوسى تېخى بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ھاكىمىيەتتىن ئايرىلغان قىرغىزىستان پرېزىدېنتى روزا ئوتۇنبايېۋانى مەركىزىي ئاسىيا تارىخىدىكى تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن، قانۇنىي ماددىلار ئاساسىدا تىنچلىق بىلەن ئۆتكۈزۈپ بەرگەن پرېزىدېنتى دەپ تەرىپلەشتى. 1 - دېكابىر كۈنى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن قەسەم بېرىش مۇراسىمىدا يېڭىدىن سايلانغان ئالماسبېك ئاتانبايېف رەسمىي قەسەم بېرىپ، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنىتىلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان، سابىق پرېزىدېنت روزا ئوتۇنبايېۋا بولسا شۇ كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۆز ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011-12-04
Share


قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى 20 يىل ئىچىدە ئىككى قېتىم ئىسيان يۈزبېرىپ، ھوقۇق تاپشۇرۇشنى خالىمىغان پرېزىدېنتلار قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان، ئەنە شۇنداق ۋەقەلەردە ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن ئوتۇنبايېۋا بۇ قېتىم تىنچلىق بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان ئىدى.

ئىلگىرى تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى پەقەت ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنلا ھاكىمىيەت باشقىلارغا قالغان ئىدى. ئۆكتىچىلەر بولسا، ئىسلام كەرىموف بىلەن نۇرسۇلتان نازاربايېفنى ۋەزىپىسىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن تەنقىدلىمەكتە. ئەزەربەيجاندا بولسا، پرېزىدېنت ھەيدەر ئەلىيېف ئۆلگەندىن كېيىن، ھوقۇق ئۇنىڭ ئوغلى ئىلھام ئەلىيېفقا قالغان ئىدى.

روزا ئوتۇنبايېۋا مەركىزىي ئاسىيادىكى تۇنجى ئايال پرېزىدېنت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.