رۇسىيە ئامېرىكا بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسىدا پۈتۈشۈم ھاسىل قىلىشنى خالايدۇ

20 - ئىيۇن كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋ گوللاندىيىدە ئەگەر ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى مەسىلىسىدە رۇسىيىنىڭ خاتىرجەمسىزلىكىنى بىكار قىلالىسىلا، رۇسىيىنىڭمۇ ئىستراتېگىيىلىك ھۇجۇم خاراكتېرلىق يادرولۇق قوراللارنى قىسقارتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2009.06.21
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

مېدۋېدېۋ يەنە رۇسىيىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بۇ يىل ۋاقتى توشىدىغان " ئىستراتېگىيىلىك ھۇجۇم خاراكتېرلىق قوراللارنى قىسقارتىش ۋە چەكلەش شەرتنامىسى" نىڭ ئورنىغا يېڭىدىن بىر كېلىشىم تۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

بىر قانچە يىللاردىن بۇيان رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئىختىلاپلارنىڭ بىرى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپاغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورنىتىش پىلانى بولۇپ، بۇ مەسىلىدە رۇسىيە ئىزچىل ئامېرىكىغا نارازى بولۇپ، بۇنى ئۆزلىرى ئۈچۈن تەھدىد دەپ ھېسابلىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.