رۇسىيە - ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئىستراتېگىيىلىك قوراللار مەسىلىسىدە سۆھبەتلەشتى

سىڭاپوردا ئېچىلغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ غەيرى رەسمىي يىغىنى يەكشەنبە كۈنى يېپىلدى ھەمدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009-11-15
Share

بۇ يىغىندا تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلما ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىش ۋە ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئورتاقلىقلار ھاسىل بولغان.

"ئاپەك" نىڭ يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما رۇسىيە پرېزىدېنتى دىمېترىي مېدۋېدېۋ بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئارىسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى "ئىستراتېگىيىلىك قوراللارنى قىسقارتىش كېلىشىمى" نىڭ ئورنىنى ئالىدىغان يېڭى بىر كېلىشىمگە قول قويۇش ھەققىدە مۇزاكىرىلىشىپ، پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغان.

رۇسىيىنىڭ "نەۋسرۇ" تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوباما بىلەن مېدۋېدېۋ ئۆزلىرىنىڭ ئېلىپ بارغان سۆھبىتى ۋە خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش يۇقىرى قىزغىنلىق ئىچىدە ئۆتكەن.

موسكۋا بىلەن ۋاشىنگتون ئارىسىدىكى "ئىستراتېگىيىلىك قوراللارنى قىسقارتىش كېلىشىمى"نىڭ ۋاقتى بۇ يىل 5 - دېكابىردا توشۇدۇ. مەزكۇر كېلىشىمنى بىكار قىلىش ۋە ياكى شۇ خىلدا يېڭى كېلىشىم تۈزۈش ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇھىم مەسىلىگە ئايلانغان ئىدى.

بۇ ھەقتە ئوبامانىڭ 7 - ئايدىكى موسكۋا زىيارىتى جەريانىدىمۇ مۇزاكىرىلەر بولغان ئىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئوباما ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپادا قۇرماقچى بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى ۋە رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، رۇسىيىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى قاتتىق نارازىلىقى پەسەيگەندەك بولغان ئىدى.

ئىران يادرو مەسىلىسىدىمۇ ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئىراننىڭ ئۇرانلىرىنى رۇسىيىدە تاۋلاپ بېرىشكە رازى بولغان. بىراق ئىران ھازىرغىچە بۇ قەدەمنى باسمىغان ئىدى. ئوباما بىلەن مېدۋېدېۋ بۇ مەسىلىدىمۇ سۆھبەتلەشكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت