مېدۋېدېۋ 'رۇسىيە ھەرقانداق تاجاۋۇزنى چېكىندۈرۈشكە تەييار' دەپ جاكارلىدى
بۇ پاراتتا رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدىۋىتېف ۋە باش مىنىستىرى پۇتىن رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئېغىر تىپتىكى قوراللىرىنى نامايەن قىلدى. رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن نۇتۇق سۆزلەپ 'بەزى دۆلەتلەر ھازىر ھەربىي تەۋەككۇلچىلىق قىلماقچى بولىۋاتىدۇ' دەپ كۆرسەتتى ۋە 'رۇسىيە ھەرقانداق تاجاۋۇزنى چېكىندۈرۈشكە تەييار' دەپ جاكارلىدى.
خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، ھازىر گرۇزىيىدە ناتو قىسىملىرىنىڭ ھەربىي مەشىقى داۋام قىلىۋاتىدۇ.