رۇسىيە 14 نەپەر 'تاقىرباش'نى 20 يىلغىچە بولغان تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010.10.03
2010.10.03
ئۇلارغا مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىش، مىللىي ئۆچمەنلىك يولى بىلەن باشقىلارنىڭ ھاياتى ۋە سالامەتلىكىگە زەرەر يەتكۈزۈش دېگەندەك جىنايەتلەر ئارتىلغان.
يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان ئىككى تاقىرباش فاشىست 2007 - يىلى تاقىرباش - مىللەتچىلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئاشكارا ھالدا رۇس ئەمەس مىللەتلەرگە ئۆچمەنلىك قىلغان. بۇ گۇرۇپپا رۇس ئەمەس مىللەت كىشىلىرىنى ئۇرۇش ۋە زەربە بېرىش نىشانى قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن ئۆزبېك، تاجىك، ئەرمەن قاتارلىق مىللەت پۇقرالىرىغا كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلغان. 14 ئادەم ئۇلارنىڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئالتە ئادەم ئېغىر يارىلانغان، ئىككى ئادەم ئۆلگەن.
بۇ، "تاقىرباشلار" دەپ ئاتالغان رۇس فاشىست ياشلىرى گۇرۇھىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان تۇنجى قېتىم كەڭ كۆلەمدە جازاغا تارتىلىشى بولۇپ، تاقىرباشلار رۇسىيىنىڭ ھەممە شەھەرلىرىگە تارقالغان. موسكۋا، سانكتپېتېربۇرگ قاتارلىق شەھەرلەر ئۇلارنىڭ ئاساسلىق بازىسىدۇر.
رۇسىيىدىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى تاقىرباشلارنىڭ سانىنىڭ پۈتۈن رۇسىيىدە 50 - 60 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ قولىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭمۇ ئېشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
تاقىرباشلار "رۇسىيىدە پەقەت رۇسلارلا ياشاش كېرەك" دەيدىغان ئىدىيىگە مەنسۇپ بولۇپ، موسكۋا ۋە يىراق شەرق قاتارلىق جايلاردىكى تاقىرباشلارنىڭ ھۇجۇم نىشانلىرى قاتارىغا خىتاي پۇقرالىرىمۇ كىرگەن.