خىتاي بىلەن رۇسىيە تېررورچىلىققا قارشى ھەربىي مەشق ئۆتكۈزدى

خىتاي بىلەن رۇسىيە بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 11 دە، رۇسىيىنىڭ يېراق شەرقتىكى خاباروۋىسكى شەھىرىدە تېررورچىلىققا قارشى ھەربىي مەشق ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ھەربىي مەشق 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنىگىچە داۋام قىلىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.07.22

خىتاينىڭ جىلىن ئۆلكىسىنىڭ جاۋنەن رايونىدىكى تاكتىكا تەلىم ئورنىدىمۇ ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ ھەربىي مەشققە ئىككى تەرەپتىن يېڭى تىپتىكى ئايرۇپىلان ۋە تانكىلار بىلەن قوراللانغان 1300 ئادەم قاتناشقان.

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ موسكۋادىن خەۋەر قىلىشىچە، 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە 197 ئادەم ئۆلۈپ بولغاندىن كېيىن، رۇسىيىنىڭ كاپكاز رايونىدىكى ئىندىگۇشتيا، تاغىستان ۋە چېچەنستانلاردىمۇ جىددىيلىك ئۇلغىيىشقا باشلىغان ئىدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، خىتاي بىلەن رۇسىيە تېررورچىلىققا قارشى بىرلەشمە ھەربىي مەشىق ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.

رۇسىيىنىڭ ھەربىي ئىشلار ئانالىزچىسى ۋىكتور لىتوۋكىن بۈگۈن يەنە 'ئاۋغانىستاندىكى ناتو قىسىملىرى ھازىر دۇنياغا ساقچى بولماقچى، ئەمما ئۇ، رۇسىينىڭ ياردىمى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ، خىتاينىڭ ۋە باشقا مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ قوللىشى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، تالىبانلارنى بىر تەرەپ قىلالمايدۇ' دەپ مۇلاھىزە ئېلان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.