رۇسىيىدە پويىز پارتلىغان جايدا 2 ‏- قېتىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن

موسكۋادىن سانسپېتېرسبۇرگ شەھىرىگە قاتنايدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا جۈمە كۈنى پويىز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، ۋەقەدە 26 كىشى ئۆلگەن 100 دىن ئارتۇق كىشى يارىدار بولغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.12.01

بۈگۈن رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پويىز پارتلاشتىن بىر كۈن كېيىن، ئەينى جايدا يەنە بىر قېتىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

دائىرىلەر ئىككىنچى قېتىملىق پارتلىتىشنىڭ رۇسىيە رازۋېتكا خادىملىرىنى نىشان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن؛ ئەمما ئىككىنچى قېتىملىق پارتلىتىشتا ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ‏- بەرمىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن ؛ پەقەت ۋەقەنىڭ ئېنىق بىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە رۇسىيە رازۋېتكا ئورۇنلىرى رازۋېت قىلىش نىشانىنى چېچەن پىدائىيلارغا قاراتقان.

ئۆتكەن ھەپتە ھىندىستاننىڭ ئاسام ۋىلايىتىدىكى مۇستەقىلچى كۈچلەرمۇ، بىر پويىز يولىغا ھۇجۇم قىلىپ، نېفىت توشۇۋاتقان بىر پويىزنى پارتلىتىۋەتكەن. نۆۋەتتە رايونىدا مۇستەقىللىق مەسىلىسى بولۇۋاتقان بەزى دۆلەتلەرنىڭ پويىز ۋە نېفىت يوللىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى قۇمۇل - تۇرپان نېفىت تۇرۇبا يوللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، تۇرۇبا يوللىرىنى كېچىدە چارلاش تۈزۈمىنى يولغا قويغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.