رۇسىيىنىڭ پېرم شەھىرىدىكى ئوت ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 112 نەپەرگە يەتتى

رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پېرم شەھىرىدىكى "ئاقساق ئات" ناملىق كەچلىك كۇلۇبتا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپىيىپ، يەكشەنبە كۈنى 112 نەپەرگە يەتكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯜﺩﯞﺍﺭ
2009-12-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ سان بىر قانچە كۈنلەردىن بۇيان دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇش بىلەن ياتقان ئېغىر دەرىجىدە كۆيگەن بىر ئەر كىشىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاشقان. نۆۋەتتە، 36 ئادەم موسكۋادىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ قۇتۇلدۇرۇلماقتا، پېرم شەھىرىدىكى دوختۇرخانىدا بولسا 27 ئادەم داۋالانماقتا.

رۇسىيە ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەگە جىددىي كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، كەچلىك كۇلۇبنىڭ دىرېكتورى ھەمدە تۆت نەپەر ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى گۇمانلىق ئۇنسۇر تۇتقۇن قىلىنغان. 5 - 6 - دېكابىر كۈنلىرى ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ دەپنە قىلىنىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنىنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ماتەم كۈنى قىلىپ بېكىتكەن.

رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدا سەۋەبكارلىقى بار دەپ قارالغان كىشىلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ ئوت ئاپىتى تەكشۈرۈش ئۈستىدە ئىكەن. يەكشەنبە كۈنى ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن "ئاقساق ئات" ناملىق كەچلىك كۇلۇبنىڭ يېنىدا پېرم ئاھالىسىنىڭ ئىستىخىيىلىك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، كىشىلەر ئۆز ئىختىيارلىرى بىلەن ئۆلگەنلەر ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرۈپ، گۈل قويغان.

تېخى ئالدىنقى ھەپتىدە موسكۋا بىلەن سانكىتپېتەربۇرگ ئارىسىدا قاتنايدىغان پويىز پارتلاپ، ئاز دېگەندە 27 ئادەم ئۆلگەن ئىدى.

پېرم شەھىرى رۇسىيىنىڭ 6 - چوڭ شەھىرى، شۇنىڭدەك مۇھىم سانائەت بازىسى بولۇپ، موسكۋادىن 1400 كىلومېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. نوپۇسى 1 مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاھالە رۇسلاردىن ئىبارەت. بىراق، ھازىرچە پېرم شەھىرىدىكى ئوت ئاپىتى تېررورىزم بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈلمىگەن.

تولۇق بەت