رۇسىيىدە خىتاي بازىرى كۆيۈپ كېتىپ، خىتاي سودىگەرلىرى مىليارد دوللارلىق زىيانغا ئۇچرىدى

رۇسىيىدىكى تا س س خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى سىبىرىيە رايونىغا جايلاشقان يېكاتىرىنبۇرگ شەھىرىدىكى خىتاي بازىرىدا 25‏-دېكابىردىن 27-دېكابىرغىچە داۋاملاشقان ئوت ئاپىتىدە، ماللىرى ھەم دۇكانلىرى كۆيۈپ كەتكەن خىتاي سودىگەرلىرى مىليارد دوللارلىق زىيانغا ئۇچرىغان.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.12.27

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 25-دېكابىر چۈشتىن كېيىن سائەت 2 لەردە يېكاتىرىنبۇرگ شەھىرىدىكى خىتاي بازىرىنىڭ مال ساقلاش ئىسكىلاتىغا تۇيۇقسىز ئوت كەتكەن. ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن جاي 4000 كۋادرات مېتىرلىق كەڭ دائىرىنى ئىگىلىگەنلىكى ھەم مال ئىسكىلاتى قورۇسىدا ساقلىنىۋاتقان ماللار زىيادە كۆپ بولغىنى ئۈچۈن، ئوت 26-دېكابىر كۈنىگىچە تەسلىكتە كونترول قىلىنىپ، 27-دېكابىر كۈنىگە كەلگەندە پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلگەن.

بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىدە خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ زىيىنى ناھايىتى ئېغىر بولغان. «خىتاي چوڭ بازىرى» دەپ ئاتالغان بۇ بازار يېكاتىرىنبۇرگ شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ بازار بولۇپ، بۇ بازاردا 6000 نەپەر خىتاي سودىگىرى تىجارەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بازاردىكى سودىگەرلەرنىڭ 90% نى ئىگىلەيدىكەن.

رۇسىيە دائىرىلىرى خىتاي بازىرىدىكى مال ئىسكىلاتىغا ئوت كېتىش سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئوت ئاپىتىنىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن قەستەن پەيدا قىلىنىش ئېھتىمالىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈرگەن. رۇسىيە ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە خىتاي بازارلىرىنىڭ كۆيۈپ كېتىش ياكى زىيانغا ئۇچراش ۋەقەلىرى ئىلگىرى بىر نەچچە قېتىم يۈز بەرگەن ئىدى. 2002-يىلى 2-ئايدا قىرغىزىستاندىكى خىتاي بازىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەندە بازاردا تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.