رۇسىيىلىك شەرقشۇناس بېيجىڭدا قازا قىلدى

رۇسىيىنىڭ تونۇلغان شەرقشۇناسى ۋە تارىخشۇناسى نائىل ئاخمەتشىن 31 - ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭدا تۇيۇقسىز قازاغا ئۇچراپ ۋاپات بولغان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008.11.02

ئىتارتاس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نائىل ئاخمەتشىن، بىر قانچە نەپەر رۇسىيىلىك بىلەن بېيجىڭدىكى سۇڭجۇڭشەن سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر كونسېرتنى كۆرگىلى بارغان بولۇپ، قايتىشىدا، تاكسى تۇتۇش ئۈچۈن يولنىڭ چېتىغا چىققاندا بىر ۋېلىسىپىت سوقۇۋېتىپ ئېغىر زەخمىلەنگەن ھەمدە جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى كەلگەن بولۇپ، ئۇ قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ئىچىدە قازا قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەنى خىتاي ساقچىلىرى تەكشۈرمەكتە. ' نائىل ئاخمەتشىن خىتايشۇناس تارىخچى بولۇپ، ئۇ خىتاي ۋە تىبەت ھەققىدىكى بىر قانچە كىتابنىڭ ئاپتورى، ئۇنىڭ "يىپەك يولىنىڭ سىرى"، "تىبەت پەلسەپىسىنىڭ سىرلىرى" قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان.

نائىل ئاخمەتشىن قازا قىلىشنىڭ ئالدىدا خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەرجىمە ئىدارىسىدا خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى خىتاي تىلىدىن رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىش ھەم تەھرىرلەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.