رۇسىيە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشتە ئىككى چوڭ توسالغۇغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، رۇسىيە ھازىرغا قەدەر، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن 60 تەك دۆلەت بىلەن سودا كېلىشىمى ئىمزالاپ بولدى. مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا يەنە، بلورۇسيە ۋە قازاقستان بىلەن چېگرا بېجى كېلىشىمى ئىمزلاپ، بۇ ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 170 مىليون نۇپۇس بار بىر چوڭ ئورتاق بازار ئېچىش ئۈچۈن يول ھازىرلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.07.17

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەمما گروزىيىنىڭ قارشىلىقى، رۇسىيە ئۈچۈن ھازىرقى ئەڭ چوڭ توسالغۇ. چۈنكى دۇنيا سودا تەشكىلاتنىڭ نېزامنامىسىدا بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولغان ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ، ئەزا بولۇشقا ئىلتىماس قىلغان ھەر قانداق بىر دۆلەتنى رەت قىلىش ھوقۇقى بار دەپ بەگلىلەنگەن ئىدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە رۇسىيە، 1994 - يىلىدىن باشلاپ بلورۇسىيە، ئوكراينا، قازاقستان، قىرغىزستانلار بىلەن ئايرىم - ئايرىم كېلىشىم ئىمزالاپ، ئاخىر 2000 - يىلى ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى دەپ نام قويۇپ شەكىللەندۈرگەن بىر چوڭ ئىقتىسادىي بىرلىك، شۇنىڭدىن كېيىن يۈز بەرگەن رەڭلىك ئىنقىلاپلاردا گۇمران بولغان ئىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.