ساقچى غۇلجىدا ئۆيىگە كەلگەن مېھماننى تىزىمغا ئالدۇرمىغان ئائىلىگە جەرىمانە قويغان

يېقىندا ساقچىلار غۇلجا دۆڭ مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئائىلىگە، ئاتۇشتىن مېھمان بولۇپ كېلىپ قونۇپ قالغان بىر تىجارەتچىنى ساقچىغا كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرمىغان، دېگەن سەۋەب بىلەن جەرىمانە قويغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.12.31

د ئۇ ق نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ۋەقە خىتاينىڭ يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارىتا تەكشۈرۈش، چارلاش، تەقىب قىلىش ۋە ئاختۇرۇش قاتارلىق ئاتالمىش ئامانلىق تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتكەنلىكىگە باغلىنىشلىق. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، مەزكۇر ۋەقەنىڭ بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئاۋۋال يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، جەرىمانە قويۇلغان ئائىلە ۋە ئاتۇشلۇق مېھماننىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىتنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇب ۋە شىمالدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، كورلا، غۇلجا قاتارلىق جايلاردىن ئۈرۈمچىگە ماڭغان ۋە ئۈرۈمچىدىن يۇقىرىقى يۇرتلارغا قاتنايدىغان ئاپتوبۇس، ئاپتوموبىللارنى، يولۇچى، مېھمانخانىلارنى تەكشۈرۈشنى يولغا قويغان. جەنۇبتىكى يېزا، كەنتلەرنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزلىرىدا قۇرۇلغان تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدىكى ئادەم سانى كۆپەيتىلگەن.

دىلشات رىشىت، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتوموبىللىرىنىڭ توختىتىلىپ، ئورۇندۇقلىرىنىڭ تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېقىندا چىقارغان يېڭى يىل ۋە چاغانلىق زەربە بېرىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يوليورۇقىغا ئاساس ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلى دۆلەت بايرىمى، يېڭى يىل، چاغان ۋە ھېيت-ئايەملەردە ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى سىياسىي جەھەتتىن گۇمانلىق دەپ قارالغان كىشىلەرنى باستۇرۇشنى ئادەت قىلىۋالغان. بىراق ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.