سېنكاكۇ تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ياپونىيە-خىتاي ئارىسىدا يەنە سۈركىلىش پەيدا قىلدى

سېنكاكۇ تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى يەنە سۈركىلىش پەيدا قىلىپ، ياپونىيە خىتاي چارلىغۇچى پاراخوتلىرىنىڭ مەزكۇر ئارال ئەتراپىدا چارلاش ئېلىپ بارغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.03.16

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى خىتاينىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، خىتاي دېڭىز چارلىغۇچى پاراخوتىنىڭ سېنكاكۇ دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىشتەك «پەۋقۇلئاددە ئېغىر» مۇداخىلىسىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي چارلىغۇچى پاراخوتى ياپونىيە دېڭىز ساھىلى قوغداش ئەترىتىنىڭ قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي، ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە ئۈسۈپ كىرگەن. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى ياپونىيىنىڭ نارازىلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھەربىي چارلىغۇچى پاراخوتىنىڭ سېنكاكۇ دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىشىنى پۈتۈنلەي «قانۇنلۇق» ھەرىكەت، دەپ ئاقلىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ ۋېيمىن شۇ كۈنى ئەسكەرتىپ: بىزنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى پاراخوتىمىزنىڭ دىياۋيۈتەي ئارىلىغا يېقىنلىشىپ، تەرتىپ ۋە جۇڭگونىڭ دېڭىز ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتنى قوغداش ئۈچۈن چارلاش ئېلىپ باردى، دېگەن.

سېنكاكۇ تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ياپونىيە-خىتاي ئارىسىدا ئىزچىل سۈركىلىش پەيدا قىلىپ كەلگەن. خىتاي «دىياۋيۈتەي»، دەپ ئاتايدىغان ياپونىيە كونتروللۇقىدىكى مەزكۇر ئارالنىڭ خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. جۈمە كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقە خىتاي چارلىغۇچى پاراخوتلىرىنىڭ 2011‏-يىلى 8‏-ئايدىن بۇيان، تۇنجى قېتىم بۇ رايونغا ئۈسۈپ كىرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.