ياپونىيىدە سېنكاكۇغا ھۆكۈمەت خادىمى جايلاشتۇرۇش پىكرى بېرىلدى

ياپونىيىدىكى ئۆكتىچى پارتىيە-ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سايلام كىتابچىسىدا، سېنكاكۇ ئاراللار گۇرۇپپىسىغا ھۆكۈمەت خادىمى جايلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ئوينىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012-11-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كىتابچىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: بىز سېنكاكۇ ئارىلى سىياسىتىگە قايتا قاراپ چىقىمىز. ۋە مەزكۇر ئارالنى قوغداش ئۈچۈن ئارالغا ھۆكۈمەت خادىمى ئورۇنلاشتۇرۇشتىمۇ ئويلىشىمىز.

54 بەتلىك بۇ كىتابچىنى ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى رەئىسى شىنزو ئابې جامائەتكە سۇندى.

ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى ياپونىيىنى 50 يىل سورىغاندىن كېيىن، 2009-يىلى ياپونىيە دېموكراتىك پارتىيىسىگە ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىدى. ئەمما، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى بۇ نۆۋەتلىك سايلامدا قايتا ئۇتۇپ چىقىش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق قىلماقتا.

بۇ يىل مايدا توكيو شەھىرىدىكى بىر قىسىم سىياسىيونلار ھەرىكەت قوزغىغان ۋە سېنكاكۇ ئارالىنى سېتىۋېلىپ، ئارالنى توكيو شەھىرىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىغا ئالغان.

خىتاي-ياپونىيە ئارىسىدىكى بىر قاتار سوغۇقچىلىقلارغا سەۋەب بولغان سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسى شۇندىن كېيىن يەنە جىددىيلەشكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت