شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى رۇسىيىدە ئۇچرىشىدۇ

15 - ئىيۇن كۈنى رۇسىيە، خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستاندىن ئىبارەت شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلىرىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ 9 - قېتىملىق يىغىنى رۇسىيىنىڭ يېكاتىرىنابۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009.06.14

شاڭخەي گۇرۇھىدىكى 6 دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدا " شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلىرىنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق شەرتنامىسى" ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇلار ئارىسىدىكى ھەربىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي، مۇقىملىقنى قوغداش، مالىيە ۋە باشقا ھەر ساھەگە ئائىت مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلۇش ئارقىلىق، مەزكۇر تەشكىلاتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ھەققىدە يېڭى تەكلىپلەر مۇزاكىرە قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ يېزىشىچە، بۇنىڭ ئالدىدا يەنە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى ئەللىرىنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداش مەسىلىلىرىگە ئائىت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ 14 - ئىيۇن كۈنى يېكاتىرىنابۇرگ شەھىرىدە يېتىپ كەلگەن، ئۇنى رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۈتۈۋالغان.

خۇ جىنتاۋ شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ يىغىنىدىن كېيىن 16 - ئىيۇن كۈنى رۇسىيە، خىتاي، برازىلىيە ۋە ھىندىستان رەھبەرلىرىنىڭ بىرلەشمە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىپ، مەزكۇر تۆت دۆلەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىقلارنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن ۋە 18 - ئىيۇن كۈنىگىچە رۇسىيىنى رەسمىي زىيارەت قىلىپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋ، باش مىنىستىر ۋىلادىمىر پۇتىن قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، رۇسىيە - خىتاي ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەر ئۆتكۈزىدۇ. ئارقىدىنلا ئۇ سلوۋاكىيە ۋە كرودىيە قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەرنى زىيارەت قىلىدۇ.

شاڭخەي گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدا بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدىن باشقا يەنە دۇنياۋى ئىقتىسادىي كرىزىس ۋە ئۆزارا ئىقتىسادىي ھەم مالىيە ھەمكارلىقلىرىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسى ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافغانىستان، ئىران مەسىلىلىرىنىڭمۇ مۇھىم تېما بولۇپ قېلىشى پەرەز قىلىنماقتا.

خىتاي تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىقى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان ئىزچىل تۈردە رۇسىيە ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشنى مۇھىم ۋەزىپىلەر قاتارىغا قويغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.