پاكىستان شاڭخەي گۇرۇھىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۆزبېكىستاندىن ياردەم سورىدى

2 - ئاپرىل كۈنى پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادتا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋلادىمىر نوروۋ پاكىستان پرېزىدېنتى ئاسىف زەردارى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقلىرى مەسىلىلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغاندا پرېزىدېنت زەردارى پاكىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ۋە تولۇق ھوقۇقلۇق ئەزاسى بولۇش ئارزۇسىنى ئېيتىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ بۇ جەھەتتە ياردەم كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯜﺩﯞﺍﺭ
2010.04.04

بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب ئۆزبېكىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك رەئىس دۆلىتى بولغانلىقى ئۈچۈن تاشكەنتنىڭ بۇ جەھەتتە رول ئوينىشى مۇمكىن.

بۇ خەۋەرنى ئۆزبېكىستاننىڭ" ئۇز - دايلى" دەپ ئاتالغان رەسمىي ئۇچۇر ئاگېنتلىقى ئاشكارىلىغان بولۇپ، پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە نەقىل كۆرسىتىشىچە، پاكىستان پرېزىدېنتى بۇ خىل تەلىپىنى ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سېكرىتارى بولات نۇرغالىيېۋ بىلەن ئۇچراشقاندىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.

نۆۋەتتە، پاكىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا پەقەت كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتقا رەسمىي ئەزا بولۇش تەلىپى بۇرۇنمۇ ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ئەمەلگە ئاشماي كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. نۆۋەتتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىق دائىرىسىنىڭ ئىزچىل كېڭىيىۋاتقانلىقى، ئەمما تېررورچىلىققا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىش نامى ئاستىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقنىڭ يەنىلا ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكى مەلۇم.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەتراپىدىكى شاڭخەي گۇرۇھىغا ئەزا ۋە ياكى كۆزەتكۈچى سالاھىيەتلىك مەملىكەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى تېررورچىلىق بىلەن باغلاپ، ئۇنىڭغا بىرلىكتە زەربە بېرىش تەلىپىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، پاكىستاننىڭ بۇ جەھەتتە خىتاي بىلەن يېقىن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى مەلۇم.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.