شاڭخەيدە كىشىلەر ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتى شاڭخەي شەھىرىدە كىشىلەرنى ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈۋاتقان بولۇپ، فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، ئەگەر بىر پەرزەنتلىك ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۆزى بىر پەرزەنتلىك ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بولسا، بۇ خىلدىكى ئائىلىلەر ئىككى پەرزەنتلىك بولسا بولىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-07-24
Share

خەۋەردە نەقىل ئېلىپ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، شاڭخەي شەھەرلىك پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شىيې لىڭلى، نۆۋەتتە ھۆكۈمەتنىڭ شاڭخەي شەھىرىدە شەرتى توشقان ئائىلىلەرنى ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى، شۇنداق بولغاندا شەھەر نوپۇسىنىڭ قېرىلىشىپ كېتىپ، ئەمگەك كۈچى ئازلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىنى بولىدىغانلىقىلى بىلدۈرگەن.

خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ قاتتىق يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، تەڭرىتاغ تورىنىڭ 2006 - يىلى 28 ‏ - مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە مەزكۇر سىياسەت يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان 3 مىليون ئادەم كەم تۇغۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، شەھەر نوپۇسىنىڭ قېرىلىشىش نىسبىتىنى ئاساس قىلىپ، خىتاينىڭ باشقا شەھەرلىرىدىمۇ بىر پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەلەپ قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر سىياسەت ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تېخىمۇ قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇلماقتا.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت