شياۋگۈەن ساقچى باشلىقى ھارام پۇلىنى 60 مىليون يۈەنگە يەتكۈزمەكچى بولغانلىقىنى ئىقرار قىلدى

خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ ئىنگلىزچە سانىدا خەۋەر قىلىشىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شياۋگۈەن شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى يې شۇياڭ ئۆزىنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشىنى سوتقا ئىقرار قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-01-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يې شۇياڭ ئىقرارنامىسىدا، ھازىر ئىلكىدە 30 مىليون يۈەن قىممىتىدە بايلىقى بارلىقىنى، بۇنى 60 مىليونغا يەتكۈزمەكچى بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ ئوغلى، قىزى ۋە ئۆزى ئارىسىدا ئادىل بىر تەقسىمات ئېلىپ بارماقچى بولغانلىقىنى؛ يەنى ھەر بىرىگە 20 مىليون يۈەندىن بۆلۈپ بەرمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يې شۇچىڭ ئىقرارنامىسىدە مائاشىنىڭ ئېھتىياجىغا يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، شۇڭا كەلگۈسىدىن خاتىرجەم بولالمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىيانەتچىلىكنىڭ جەمئىيەتتە ئومۇملاشقان بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ پارىخورلۇق ۋە خىيانەتچىلىك يولىغا ماڭغانلىقىنى بايان قىلغان.
 
خەۋەردە يې شۇچىڭنىڭ خىزمەت ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ ھارام پۇل توپلىغانلىقى يېزىلغان. ئەمما كونكرېت قايسى خىل يوللاردىن ۋە كىملەردىن پارا ئالغانلىقى ياكى قايسى پۇلغا خىيانەت قىلغانلىقى بايان قىلىنمىغان. خىزمەت ئورنى كۆزدە تۇتۇلسا، ئۇنىڭ كۆپىنچە پۇلنى جىنايەتچىلەر ئائىلىسىدىن پارا ئېلىش يولى بىلەن، جىنايەت دېلولىرىنى يوشۇرۇش ياكى جىنايەتچىلەرنى ئەپۇ قىلىش ياكى يەڭگىل بىر تەرەپ قىلىش بىلەن توپلىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

شياۋگۈەن شەھىرىدە ئۆتكەن يىلى خىتاي ئىشچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئىشچىلارنى كالتەكلەپ ئۆلتۈرۈشتەك كوللىكتىپ قاتىللىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ۋەقەگە چېتىشلىق بىر قانچە مىڭ كىشىدىن پەقەت بىر قانچىسىلا جازالانغان ئىدى.

 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت