خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا شەھەرلەرنىڭ مىللىي قىياپىتىنى بۇزۇش قىلمىشىغا يېڭى ئىسىم قويدى

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى قەشقەر قاتارلىق قەدىمىي شەھەرلەردە تۈرلۈك قۇرۇلۇش پىلانلىرىنى يولغا قويۇپ، شەھەردىكى قەدىمىي كوچا ۋە قورا - جايلارنى بۇزۇپ تاشلىغان. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى مەقسەتلىك ھالدا شەھەرنىڭ مىللىي قىياپىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﮪﺮﻩﺕ ﮪﻮﺷﯘﺭ
2010.07.13

خەلقئارا جامائەتمۇ، قەشقەر شەھەر كوچىلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىنى بىر مەدەنىيەتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى دەپ قارىغان، بەزى گۇرۇپپىلار " قەشقەرنى قوغداپ قالايلى" ناملىق ئاممىۋىي ھەرىكەت باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇزغۇنچىلىقتىن توسۇشقا تىرىشقان.

شىنجاڭ خەۋەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمىتى 8 - ئىيۇل كۈنى يىغىن ئېچىپ، مەزكۇر بۇزغۇنچىلىق قىلمىشىغا يېڭى ئىسىم قويغان. يەنى " شىنجاڭنىڭ يېڭى شەكىلدىكى شەھەر قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش لايىھىسى " نى ئوتتۇرىغا قويغان. رايونلۇق ھۆكۈمەت پىلان كومىتېتى بۇ لايىھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، كومىتېتقا خادىم كوپەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. يىغىندا نۇر بەكرى سۆز قىلىپ، مەزكۇر لايىھىنى يېڭى دەۋەرگە ۋە تەرەققىياتقا ماسلىشىش دەپ مەدھىيىلىگەن. ۋە بۇ لايىھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ يېڭى ئاڭغا ساھىپ بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. نۇر بەكرى ئۇيغۇر رايونىدا قوش تىل مائارىپىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدە ئەڭ ئاكتىپ رول ئېلىپ كەلگەن. ئەمدىلىكتە، شەھەرلەرنىڭ مىللىي قىياپىتىنىڭ بۇزۇلۇشىدىمۇ باشلامچىلىقتا ئالدىدا ماڭىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.