فۇتيەن رايوندىكى بىخەتەرلىك ئەندىشىسى 3 ھەپتىدىن بۇيان بېسىقمىدى

6 - يانۋار شېنجېن شەھىرى فۇتيەن رايونىدا بىر ئۇيغۇر كۈتكۈچى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، مەزكۇر رايوندىكى بىخەتەرلىك ئەندىشىسى 3 ھەپتىدىن بۇيان بېسىقمىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-02-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

"جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتى"دە خەۋەر قىلىنىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى يەنە مىللىي توقۇنۇش چىقىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇن، بىخەتەرلىك كۆزىتىش خىزمىتىنى 3 ھەپتىدىن بۇيان كۈنىگە 24 سائەتلەپ ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان.

بۇ يىل 6 - يانۋار شېنجېن شەھىرى فۇتيەن رايونىغا جايلاشقان ئۇيغۇر رېستورانىدا ئۇيغۇر كۈتكۈچى تۇرسۇن خىتاي خېرىدارلار تەرىپىدىن پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

كېيىنكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ۋەقە سادىر قىلغۇچى گۇماندارلارنى قولغا ئالغان. جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ شېنجېن شەھىرىدىكى بىر مال - مۈلۈك شىركىتى قوغدىغۇچىلىرى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
 
"جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتى"دە كۆرسىتىشىچە، بىر ساقچى خادىمى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ۋەقەنىڭ يەنە مىللىي توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولۇپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ۋەقەدە قازا قىلغان تۇرسۇننىڭ ئائىلىسىگە 600 مىڭ يۈەن تۆلەم پۇلى بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تۇرسۇننىڭ ئائىلىسىگە ھۆكۈمەت بەلگىلىمىسىدىن ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇپ تۆلەم تۆلەپ بەرگەندىن سىرت، تۇرسۇننىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرى ئۈچۈن شېنجېنغا كەلگەن ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا شېنجېندىن ياتاق ئېلىپ بەرگەن.
 
ساقچى دائىرىلىرى رېستوران خوجايىنى ئابدۇراخمانغا بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ، ئۇنى رېستوراننى قايتا ئېچىشقا دەۋەت قىلغان.

رېستوران خوجايىنى ئابدۇراخمان ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن رېستوراننى تاقاپ، ئۇيغۇر ئېلىگە چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت