شەرقىي تىمۇردە ئىككىنچى نۆۋەتلىك پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى

10 نەچچە يىل ئاۋۋال ھىندونېزىيىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولغان شەرقىي تىمۇردە 17 - مارت شەنبە كۈنى ئىككىنچى نۆۋەتلىك پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.03.17

شەرقىي تىمۇر دۇنيادىكى ئەڭ يېڭى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك سايلاممۇ ئوچۇق - ئاشكارا ۋە دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان.

سايلامدا 1996 - يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن نۆۋەتتىكى پرېزىدېنت جوسې راموس يەنە باشقا 11 كاندىدات رىقابەتكە چۈشىكەن.

سايلام ئىنتايىن تىنچ يوسۇندا ئېلىپ بېرىلىپ، بىلەت تاشلاش شۇ جاي ۋاقتى شەنبە كۈنى سائەت 3 تە ئاياغلاشقان.

پورتۇگالىيە شەرقىي تىمۇردىكى مۇستەملىكىسىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، شەرقىي تىمۇر 1975 - يىلى مۇستەقىللىق جاكارلىغان بولسىمۇ شۇ يىلى ھىندونېزىيە ئارمىيىسى شەرقىي تىمۇرگە بېسىپ كېرىپ ئۇلارنى 24 يىلى ۋەھشىيلىك بىلەن سورىغان.

شەرقىي تىمۇرلىقلار ھىندونېزىيە ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرخىل قارشىلىقلارنى كۆرسەتكەن. 1999 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارار چىقىرىپ، شەرقىي تىمۇرنىڭ مۇستەقىللىقنى ئېتىراپ قىلغان ۋە تىنچلىق قىسىملىرىنى كىرگۈزگەن ئىدى.

شۇندىن كېيىن شەرقىي تۇمۇر ستەقىل ۋە دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ھازىرغا كەلگۈچە شەرقىي تىمۇردا ئىككى قېتىم دېموكراتىك سايلام ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ نۆۋەتلىك سايلامدىن كېيىن، ب د ت تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسىملىرى ئۇزۇنغا قالماي شەرقىي تىمۇردىن ئايرىلىدىغانلىقى ۋە بارلىق خەۋپسىزلىك ئىشلىرىنى شەرقىي تومۇر ئارمىيىسىگە تاپشۇرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.