خىتاي 'چونەن پاراخوت ۋەقەسى'دە شىمالىي كورىيىگە يان باسمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

جەنۇبىي كورىيە دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ جەنۇبىي كورىيىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە "چونەن پاراخوت ۋەقەسى"گە پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، خىتاي ۋەقەنىڭ جاۋابكارى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ تەرىپىنى تۇتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-05-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ۋېن جياباۋ بۇ سۆزنى جۈمە كۈنى جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى لې مۇڭباك بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن تەكىتلىگەن. ئۇ، شىمالىي كورىيە 3‏ - ئاينىڭ 26 ‏ - كۈنى بىر جەنۇبىي كورىيە ھەربىي پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋېتىپ، 46 نەپەر ماتروسنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە بۇ ۋەقە كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن بىر مەزگىلدە سېئولنى زىيارەت قىلغان ئىدى.

بۇ خىتاينىڭ "چونەن پاراخوت ۋەقەسى"گە تۇنجى قېتىم ئىپادە بىلدۈرۈشىدۇر. ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيىلەر خىتاينى ۋەقەگە ئىپادە بىلدۈرۈپ، شىمالىي كورىيىنىڭ قىلمىشىنى ئەيىبلەشكە چاقىرىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھازىرغىچە شىمالىي كورىيىنى ئەيىبلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتىنىڭ مەسلىھەتچىسى لې دۇڭ كۋەننىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋېن جياباۋ خىتاينىڭ ۋەقەگە ئىپادە بىلدۈرۈشنى قارار قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ۋەقەنىڭ جاۋابكارى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر "جۇڭگونىڭ ئۇنى قوغدىمايدىغانلىقى" نى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت