ھېللارى كىلىنتون بۈگۈن شىمالىي كورىيىگە قارىتىلغان يېڭى جازالاش تەدبىرىنى ئېلان قىلدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ سىئۇلدىن بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېللارى كىلىنتون بۈگۈن سىئۇلدا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىتىرى روبېرت گايتس بىلەن بىللە، جەنۇبىي كورىيىنىڭ دىپلوماتىيە - سودا مىنىستىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتىن كېيىن، شىمالىي كورىيىنىڭ قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىگە قارىتا جازا قوللىنىلىدۇ، دەپ جاكارلىدى. ئۇ سۆزىدە، جازانىڭ نىشانى پىنيوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يادرو قورال ئەسلىھەلىرىگە ۋە ئۇنى سەرمايە بىلەن تەمىنلەۋاتقان زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى دېگەن نامدىكى ھەر خىل تىجارەتلىرىگە قارىتىلغان، دەپ كۆرسەتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-07-21
Share

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە بۈگۈن سىئۇلدا ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتتا شىمالىي كورىيىنى، 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى جەنۇبىي كورىيىنىڭ ھەربىي پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋەتكەن ۋە 46 دېڭىزچىنى ئۆلتۈرگەن ۋەقەنى ئېتىراپ قىلىشقا ئۈندىدى ۋە شىمالىي كورىيە ئەگەر جەنۇبىي كورىيىگە يەنە تاجاۋۇز قىلسا، پىنيوڭ ھۆكۈمىتى ئېغىر ئاقىۋەتكە يۈزلىنىدۇ دەپ جاكارلىدى.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت