شىمالىي كورىيە: 'ئامېرىكا بىلەن ئۆز - ئارا دۈشمەنلىشىشكە خاتىمە بېرىمىز'
فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشىچە، كىم يوڭنام يەنە، جەنۇبىي ۋە شىمالىي كورىيىلەر ئارىسىدىكى ئۆز - ئارا مۇناسىۋەتلەرنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ ئاخىرىدا بىرلىككە كېلىش ۋە شىمالىي كورىيىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىدە شىمالىي كورىيىنىڭ مەيدانىنىڭ ئىنتايىن مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، كىم يوڭنامنىڭ بۇ باياناتى شىمالىي كورىيە يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ۋە ئارمىيە رەھبەرلىرى قاتناشقان دۆلەت دەرىجىلىك يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
شىمالىي كورىيىنى يادرو قوراللىرىدىن خالىي قىلىش ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 6 تەرەپ سۆھبىتى، شىمالىي كورىيىنىڭ قوشۇلماسلىقى بىلەن ئۈزۈلۈپ قالغان ئىدى.
خەۋەرلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، شىمالىي كورىيە دائىرىلىرى ۋاشىنگتون بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەندىن كېيىن 6 تەرەپ سۆھبىتى يېڭى بىر باسقۇچقا كىرىشى مۇمكىن ئىكەن.