شىمالىي كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

ب ب س نىڭ سەيشەنبە كۈنى جەنۇبىي كورىيە ۋە ياپون دۆلەت ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن خەۋەر ئېلان قىلىشىچە، شىمالىي كورىيىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسىدا، بومبا قويۇپ بېرىشكە تەييارلىق كۆرۈش بىشارەتلىرى مەلۇم بولغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009-02-03
Share

جەنۇبىي كورىيە ۋە ئامېرىكا ئاخبارات دائىرىلىرىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتقان سۈرەتلىرىدىنمۇ، شىمالىي كورىيىنىڭ ھەربىي قورال ‏ - ياراق بازىسىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسىغا، باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئوخشاش بىر ئۇزۇن ئەسۋاب توشۇلغانلىقى ئېنىق مەلۇم بولغان بولۇپ، ئاخبارات دائىرىلىرى ئەگەر ئۇ يادرو بومبىسى بولغان تەقدىردە 4300 كىلومېتىردىن 6000 كىلومېتىرغىچە بولغان مۇساپە ئىچىدە باشقۇرۇلىدىغان يادرو بومبىسى بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلماقتا.

ئەگەر شىمالى كورىيە يادرو بومبىسىنى قويۇپ بېرىشنى پىلان قىلغان بولسا، سۇيۇقلۇق قاچىلاش ۋە قوزغىتىش ئۈچۈن بىر ئىككى ئاي تەييارلىق ۋاقتى كېتىدىكەن.

ئامېرىكا، ياپون ۋە جەنۇبىي كورىيە ئاخبارات دائىرىلىرىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ ھەرىكىتى، شىمالىي كورىيە ۋەتەننى تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتىنىڭ جەنۇبىي كورىيە بىلەن ئىمزالىغان بارلىق سىياسىي ۋە ھەربىي كېلىشىملىرىنىڭ بىكار قىلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

شىمالىي كورىيە 30 - يانۋار كۈنى شىمالىي كورىيە ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ جەنۇبىي كورىيە بىلەن ئىمزالىغان ھەربىي ۋە سىياسىي تىركىشىشتىن خالى بولۇشقا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىملەرنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، "جەنۇبىي كورىيىنىڭ دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئۇرۇش بوسۇغىسىغا ئاپىرىپ قويدى" دېگەن ئىدى.

جەنۇبىي كورىيە بولسا ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردىلا شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو بومبا بازىسى قۇرۇلۇشىنىڭ %80 نىڭ پۈتكەنلىكىنى ئېلان ئىلىپ، شىمالىي كورىيىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت