شىمالىي كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي مۇنداق راكېتا قويۇپ بېرىش ھەرىكىتى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىنىڭ جىددىي تەنقىدىگە ئۇچرىغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنى ئۆزىنىڭ قارارىغا خىلاپلىق قىلغان مۇنداق قىلمىشنى جازالاشقا دەۋەت قىلغان .
شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىمۇ دەرھال ئىنكاس قايتۇرغان بولۇپ، ناتو سېكرېتارى ئۆزىنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شىمالىي كورىيىگە بولغان ئىككىلىنىشىنى كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقى ھەمدە يادرو مەسىلىسىگە ئائىت ئالتە دۆلەت سۆھبىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەنە ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيىمۇ پىيوڭياڭنى ئەيىبلىگەن.
رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيىمۇ بۇ مەسىلىگە جىددىي قارىغان، پراگادا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يىغىنى ھارپىسىدا پرېزىدېنت ئوباما شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ قىلمىشىنى تەنقىد قىلىپ، بۇ خىل قىلمىشنىڭ شىمالىي كورىيىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن تېخىمۇ ئايرىيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە بۇنىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، پىيوڭياڭنىڭ قويۇپ بەرگەن مەزكۇر ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى مەغلۇپ بولغان ئىكەن.