خىتاي باش مىنىستىرى پاراخوت ۋەقەسىدە شىمالىي كورىيىنى ئەيىبلەشنى رەت قىلدى
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، مۇزاكىرىلەر جەريانىدا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جايباۋ جەنۇبىي كورىيىنىڭ شىمالىي كورىيە ھەربىي پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋېتىشىدىن كېلىپ چىققان ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى جىددىيلىك ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار دۆلەت ئىكەنلىكى، بۇ مەسىلىدە خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما، جەنۇبىي كورىيە ۋە ياپونىيە باش مىنىستىرلىرى ئوتتۇرىغا قويغان شىمالىي كورىيىنى بىرلىكتە قاتتىق ئەيىبلەش پىكرىنى قوللىمىغان ھەمدە ب د ت نىڭ شىمالىي كورىيىگە ئىمبارگو يۈرگۈزۈش مەسىلىسىگىمۇ ئىنكاس قايتۇرمىغان.
نۆۋەتتە، شىمالىي كورىيە بىلەن جەنۇبىي كورىيە ئارىسىدا ئۇرۇش يۈز بېرىش خەۋپى شەكىللەنگەن بولۇپ، جىددىي ۋەزىيەتنى ھەل قىلىشتا شىمالىي كورىيىنىڭ ئىتتىپاقچىسى بولغان خىتاينىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.