شىمالى كورىيىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى

يەكشەنبە كۈنى دۇنيادىكى پەقەت بىر قانچىلا كوممۇنىست دۆلىتىنىڭ بىرى ھېسابلانغان شۇنىڭدەك دىكتاتورلۇقتا نامى چىققان شىمالىي كورىيىدە يېڭى پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر سايلامغا پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىسى قاتنىشىپ بىلەت تاشلىغان. بىراق، سايلام نەتىجىسى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009-03-08
Share

نۆۋەتتىكى شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىمجوڭئىلمۇ ئۆزىنىڭ نامزىتىنى كۆرسەتكەن. ئەلۋەتتە، شىمالىي كورىيىدىكى سايلام پەقەت شەكىلۋازلىق بىلەن تولغان بولۇپ، سايلىنىدىغان نامزاتلار ئاللىقاچان ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېكىتىلىپ بولۇنغان. خەلقنىڭ ئۆزلىرى خالىغان ۋە ئىشەنگەن ئادىمىنى سايلاپ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس، بىراق شىمالىي كورىيە رەھبىرىنىڭ سالامەتلىكى مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ھاكىمىيەتكە كىمنىڭ ۋارىسلىق قىلىشى كېلىپ چىققان بولۇپ، ھەتتا ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئىزباسار بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلارمۇ كۆرۈلگەن.

شۇ سەۋەبتىن خەلقئارا جەمئىيەت بۇ سايلامغا دىققەت قىلماقتا ئىكەن. كىمجوڭئىل سابىق كورىيە داھىيسى كىم ئېرسىننىڭ ئوغلى بولۇپ، ھاكىمىيەت دادىدىن ئوغۇلغا قالغان. بۇ قېتىم يەنە شۇ ئادەت تەكرارلىنامدۇ يوق، بۇ بىر سوئال.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت