شىمالىي كورىيە بۇيىل ئامېرىكىلىق ساياھەتچىلەرنى كۆپلەپ قوبۇل قىلماقچى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، شىمالىي كورىيىنىڭ دۆلەت ساياھەت شىركىتىدىن كوريو ساياھەت شىركىتى دېگەن بىر شىركەتكە كەلگەن ئېلخەتتە، بۇ يىل ئامېرىكىلىق ساياھەتچىلەرنىڭ شىمالىي كورىيىگە كېلىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ، دېيىلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-01-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كوريو ساياھەت شىركىتىنى قۇرغان نىكولاس بۇننېر ئەپەندى بۇنى، ھازىر ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورىيىنىڭ مۇناسىۋىتىدە پەيدا بولۇۋاتقان ئىنتايىن چوڭ ئۆزگىرىش دەپ تەسۋىرلىگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گەرچە بۇنىڭدىن بۇرۇن شىمالىي كورىيە دۇنياغا، ھەر يىلى 100 مىڭ ئامېرىكىلىق شىمالىي كورىيىدە ساياھەت قىلىۋاتىدۇ، دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، شۇنداقلا خىتاي، 1987‏ - يىلىدىن بۇيان ھەر يىلى مىڭدەك ئامېرىكىلىقنى شىمالىي كورىيىدە ساياھەت قىلدۇرۇۋاتىمز دەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، 1950‏ - يىللاردىكى كورىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورىيە ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئۈزۈلۈپ، باردى - كەلدى توختىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت