ئامېرىكا سۈنئىي ھەمراھ پىلانى مەسىلىسىدە شىمالىي كورىيىنى ئاگاھلاندۇردى

يېقىندا شىمالىي كورىيىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش پىلانىنى ئېلان قىلىشى سەۋەبلىك، شىمالىي كورىيە بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە جىددىيلىك شەكىللەنگەن ئىدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.03.20

بۈگۈن 20-مارت كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى لو جاۋخۇي بېيجىڭدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھەم شىمالىي كورىيە ھەر ئىككى تەرەپنى شىمالىي كورىيىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش پىلانى مەسىلىسىدە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىردى.

شىمالىي كورىيە ئۆتكەن جۈمە 16-مارت كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ يىل 4-ئايدا ھاۋاغا 4 دانە سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ئارقىلىق، شىمالىي كورىيە داھىيسى كىمئېرسىننىىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا شىمالىي كورىيىنىڭ ھاۋاغا سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ خىل سىناقنىڭ ئەمەلىيەتتە يادرو سىنىقى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنىڭ شىمالىي كورىيىنىڭ ئۆتكەن ئايدا بەرگەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بارماسلىق ۋەدىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا ئەگەر شىمالىي كورىيە ھاۋاغا سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەرسە، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيىگە بېرىلىدىغان ئاشلىق ياردىمىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

شىمالىي كورىيە تەرەپمۇ دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ نارازىلىقىغا قارىتا بايانات ئېلان قىلىپ، سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشنىڭ يادرو سىنىقى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.