شۋېتسىيە ' بابۇر جاسۇسلۇق ۋەقەسى' گە چېتىشلىق خىتاي دىپلوماتىنى چىگرىدىن قوغلاپ چىقارغان

شۋېتسىىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى شۋېتسىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن يېقىندا قولغا ئېلىنغان "بابۇر جاسۇسلۇق ۋەقەسى" گە چېتىشلىق بىر خىتاي دىپلوماتنىڭ چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.06.22

شۋېتسىيە مەتبۇئاتلىرى ستوكھولىمدىكى بۇ خىتاي دىپلوماتنىڭ شۋېتسىيە تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر بابۇر مەخسۇتنىڭ خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، شۋېتسىيە بىخەتەرلىك ئورگىنى بابۇرنى قولغا ئېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ دىپلوماتنىڭ سالاھىيىتىگە ئۇيغۇن بولمىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقى سەۋەبى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دىپلوماتى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدىكى شۋېتسىيە ئەلچىخانىسىنىڭ بىر دىپلوماتىنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان. لېكىن ھەر ئىككى دۆلەت چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان دىپلوماتلارنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلمىدى. شۋېتسىيە ھۆكۈمىتى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان بۇ دىپلوماتنىڭ مەلۇم بىر دۆلەت ئەلچىخانىسىنىڭ خادىمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

شۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئاندېرس جۆرلې مۇنداق دەيدۇ: "بىر چەتئەللىك دىپلوماتنىڭ قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز. لېكىن مەن بۇ دىپلوماتنىڭ قايسى دۆلەتتىن كەلگەنلىكىگە باھا بەرمەيمەن. بىز يەنە بۇنىڭغا جاۋابەن بىر شۋېتسىيە دىپلوماتىنىڭ چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى ئېلان قىلىمىز."

شۋېتسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى TT بولسا چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش ۋەقەسىنىڭ 4 ‏- ئىيۇن كۈنى قولغا ئېلىنغان جاسۇس گۇماندارى بابۇر مەخسۇت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ يىل 61 ياشلاردىكى بابۇر مەخسۇت لەنجۇدا تۇغۇلغان بولۇپ، 1980 ‏- يىللىرى خوتەندە ياشىغان. 1990 ‏- يىللارنىڭ ئاخىرى شۋېتسىيىگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن. 20002 ‏- يىلى شۋېتسىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتكەن ئىدى. ئۇ، 6 ‏- ئاينىڭ 4 ‏- كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان دىپلوماتىغا ئاخبارات بېرىۋاتقاندا، شۋېتسىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئىدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.