شۋېتسىيە دائىرىلىرى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش ۋەقەسىدىن يەنە بىرنى پاش قىلغان

شۋېتسىيە قانۇن دائىرىلىرى يېقىندا خىتاينى شۋېتسىيىدىكى سىياسى مۇساپىرلارنىڭ ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەپ، جاسۇسلۇق قىلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان گۇمانداردىن يەنە بىرنى قولغا چۈشۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.06.11

شۋېتسىيە رادىئوسى ۋە مېترو گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قولغا ئېلىنغان جاسۇسلۇق گۇماندارى ستوكھولم ئەتراپىدا ئولتۇرىدىغان 40 ياشلاردىكى ئەر كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ 2008‏ - يىلى كۈزدىن باشلاپ 2009‏ - يىلى ئەتىيازغا قەدەر خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە بۇ كىشىنىڭ مىللىتى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن ساقچىلار بۇ كىشىنىڭ 2009‏ - يىلى يازدا خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتىدىن قولغا ئېلىنىپ، 16 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان شۋېتسىيە پۇقراسى بابۇر مەخسۇتنىڭ دېلوسى بىلەن چېتىشلىقى بار، دەپ گۇمان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن خىتاي شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئارىسىدا جاسۇسلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئىزچىل رەت قىلىپ، بۇ تۈرلۈك ئەيىبلەشنى "ئاساسسىز ھەم يامان نىيەتلىك قارىلاش" دەپ ئەسكەرتىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.