خىتاي ھۆكۈمىتى سىيرەك توپىلارغا قارىتىلغان كونتروللۇقنى يەنە كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي ھۆكۈمىتى كومپيۇتېر زاپچاسلىرى ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان سىيرەك توپىلارغا قارىتىلغان كونتروللۇقنى يەنە كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭ خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.08.08

خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى چىقارغان يېڭى بەلگىلىمىسىدە يىللىق ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارى 20 مىڭ توننىغا يەتمەيدىغان سىيرەك توپا پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەگەر شۇنداق بولسا بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتاينىڭ يىللىق سىيرەك توپا ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارى 20 پىرسەنت قىسقىرايدىكەن.

سىيرەك توپىلاردىن ئالىي دەرىجىلىك كومپيۇتېر ۋە زېرەك يانفونلارغا سەپلىنىدىغان باتارېيە ۋە كومپيۇتېر زاپچاسلىرى ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان بولۇپ، ھازىرقى زامان تېخنىكىسىدا كەم بولسا بولمايدىغان خام ئەشيالارنىڭ بىرى ئىكەن.

خەلقئارادا  سېتىلىۋاتقان سىيرەك توپىلارنىڭ 90 پىرسەنتىنى خىتاي ئېكسپورت قىلىدۇ.

سىيرەك توپا مەسىلىسى خىتاي بىلەن ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئارىسىدىكى سەزگۈر سودا مەسىلىسىنىڭ بىرى.

خىتاي مەزكۇر توپىلارنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشىغا قارىتىلغان چەكلىمىلەرنى 2009-يىلىمۇ  بىر قېتىم كۈچەيتكەن.

ئەينى يىلى خىتايدىن سىيرەك توپا ئىمپورت قىلىدىغان ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاي ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.