دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان خۇسۇسىي كارخانىلارنى يۆلەشكە ۋەدە بېرىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئەمەلىيەتكە ئايلانمىغان، بانكا قەرزلىرى داۋاملىق يەنىلا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارغا بېرىلگەن.
ياۋروپا سودا-سانائەتچىلىرى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارغا تايىنىپ قېلىشنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىسراپچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلىرىنى ئازايتىپ، تىجارەتنى ئەركىن قويۇۋەتكەن تەقدىردە بۇنىڭ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۆرلىشى ھەم دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
دۇنيا بانكىسىمۇ بۇ يىل 2-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ئالدى بىلەن يېڭى تەرەققىيات پىلانى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك، دەپ تەكلىپ بەرگەن ئىدى.
