ئامېرىكا دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان بىر پاراخوت سومالى دېڭىز قاراقچىلرىنى مەغلۇپ قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن سومالىدىن بىر نەچچە يۈز كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دېڭىز يۈزىدە، دېڭىز قاراقچىلىرى ئاپتوماتىك قوراللار بىلەن ' ئالىباما ' بەلگىلىك بىر پاراخوتقا ئۇشتۇمتۇت ئوت ئاچقان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-11-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ پاراخوت ئۆزىنى قوغدايدىغان چەكلىك قوراللار بىلەن قاراقچىلارنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بەھرەيىندە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ 5 ‏ - دېڭىز پىلوتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان بۇ پاراخوت، ئاۋازنى يىراقتىن كونترول قىلىدىغان ئەسلىھەلىرىنى ئىشقا سېلىپ، قاراقچىلارنى كۆزىتىپ تۇرغان بولۇپ، ئۇ بۈگۈن، بۇ قېتىم ھۇجۇم قىلغان قاراقچىلارنىلا ئەمەس، بەلكى بۇنىڭدىن 4 ئاي بۇرۇن گۆرۈگە ئېلىۋالغان ئىككى ئادىمىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان قولۋاقتىكى قاراقچىلارنىمۇ مەغلۇپ قىلىپ، ئۆز ئادەملىرىنى ساق - سالامەت قۇتقۇزۇۋالغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت