شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت، 1 ‏ - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر زاۋۇتى ئۈستىدىن سۇنۇلغان شىكايەتنى رەت قىلدى

18 - ماي، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت، بىرىنچى ئاۋغۇست پولات تومۇر زاۋۇتى ئۈستىدىن سۇنۇلغان ئەمگەك توختام قانۇنىغا ئالاقىدار شىكايەتنى رەت قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-05-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئالىمجان، رەيھانگۈل ۋە سۇ گۇاڭ قاتارلىق 8 نەپەر ئىشچى، 1 ‏ - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ ئەمگەك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتكەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھەقسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقى خۇسۇسىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتقا ئەرز سۇنغان ئىدى.

23 - ئاپرېل، مەزكۇر سوت يۇقىرىقى ئەرز ئۇستىدىن سوت ئاچقان ۋە" ھاپىلا - شاپىلا" ھۆكۈم چىقىرىپ، پولات - تومۇر زاۋۇتىنىڭ قارارىنى كۈچكە ئىگە قىلغان ئىدى.

بوشۈن تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، 18 - ماي مەزكۇر دەۋاگەرلەر سوتنىڭ ھۆكۈمىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، پولات - تۆمۈر زاۋۇتىغا ئالاقىدار يېڭى دەلىل - ئىسپاتلارنى تەييارلاپ سوتچى قۇددۇسنىڭ ئالدىغا كەلگەن.

ھالبۇكى سوتچى قۇددۇس، دەۋاگەرلەرنىڭ ماتېرىيالنى قوبۇل قىلمىغاندىن سىرت، ماتېرىيال سۇنسىمۇ پايدىسى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە بۇ دېلودا ئەسلىدىكى ھۆكۈمنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى، ھەتتا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە ئەرز سۇنسىمۇ كارغا كەلمەيدىغانلىقنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى قايتىپ كېتىشكە بۇيرۇغان. خەۋەردە كۆرسىتىشىچە ، نۆۋەتتە ئەرزدارلار قەيەرگە بېرىشىنى بىلمەي گاڭگىراپ يۈرمەكتە ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە،دەۋاگەرلەر ئەسلى 1 ‏ - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ "شتاتلىق ئىشچى"لىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەزكۇر سالاھىيىتى تۇيۇقسىز "توختاملىق ئىشچى" سالاھىيىتىگە چۈشۈرۈۋېتىلگەن ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شتاتلىق ئىشچىلار بەھرىمان بولىدىغان بارلىق ئىمتىيازلاردىن مەھرۇم قالغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت