بېرمىلىق پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ سۇ ئامبار قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بېرمىلىقلارنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقىنى ئېلان قىلدى

بېرمىنىڭ شان-ساپاۋا مۇھىت تەشكىلاتى ۋە شان ئاياللار ھەرىكىتى تەشكىلاتى تۈنۈگۈن بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ لۇڭجياڭ دەرياسىدا بەرپا قىلغان سۇ ئامبار قۇرۇلۇشىنىڭ دەريانىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى بېرمىلىق ئاھالىلەرنى، جۈملىدىن دەريا ياقىسىدا تىجارەت ۋە قاتناش مۇلازىمىتى بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغان 16 مىڭ نوپۇسلۇق ئاھالىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2010-12-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دوكلاتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، لۇڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۈننەن تەۋەلىكىدە قۇرۇلغان سۇ ئامبىرى، دەريانىڭ بىرما تەۋەلىكىدىكى سۇ مىقدارىنى ئالاھىدە تۆۋەنلىتىۋەتكەن. بۇنىڭ بىلەن بېرمادىكى مەزكۇر تەۋەلىكتە ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇشتىن باشقا، مەزكۇر دەريا ۋە دەريا ياقىسىدىكى سودا-تىجارەت ۋە قاتناش مۇلازىمەت مىقدارىدا ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىش يۈز بەرگەن.

مەزكۇر پائالىيەتچىلەر دوكلاتىدا، خىتاينى سۇ قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارغاندا ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن كېڭەشلىك ئىش قىلىشقا ۋە لۇڭجياڭ سۇ ئامبىرىنىڭ تۆۋەن ئېقىندىكىلەرگە كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى ئازايتىشقا چاقىرغان. لۇڭجياڭ دەرياسى جايلاشقان يۈننەن ئۆلكىسى شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى بىرما، لائوس ۋە ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ. مەزكۇر چېگرا بويلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتايدىن قېچىپ چىقماقچى بولغان سىياسىي پاناھلانغۇچىلار ئۈچۈنمۇ مۇھىم بىر ئۆتەڭ بولۇپ قالماقتا. بۇ ئەھۋال، رايوندىكى سۇ قۇرۇلۇشى ماجىرالىرىغا قېتىلىپ، بەزىدە خىتاينىڭ مەزكۇر دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولسا، بەزىدە تەرەپلەرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرى ئارىسىدا گۇمان ۋە ئەندىشە پەيدا قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت