ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى سۈرىيىگە ئېمبارگو قويدى

يەكشەنبە كۈنى ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى مىسىر پايتەختى قاھىرەدە يىغىن ئېچىپ، ئۆز پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرىنى قانلىق باستۇرغانلىقى ئۈچۈن سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بايلىقلىرىنى توڭلىتىش ۋە سۈرىيىگە خام ئەشيا توشۇشنى چەكلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئېمبارگو قويۇشنى قارار قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011.11.27

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى 4000 نەپەر تەكشۈرگۈچى خادىمنى سۈرىيىگە ئەۋەتىپ، ئۇ يەردىكى ۋەقەلەر ۋە ۋەزىيەتنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان ئىدى.

سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيىگە قاراتقان بۇ قېتىمقى رەسمىي ئېمبارگو قارارىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ئۇنى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا قىلىنغان خائىنلىق دەپ ئەيىبلىگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 100 دىن ئارتۇق سۇرىيە ھەربىي ۋە ساقچى ئوفىتسېرى ئىئوردانىيىگە قېچىپ بېرىپ پاناھلىق تىلىگەن. يەكشەنبە كۈنى سۈرىيىنىڭ ھورمس رايونىدا يەنە 11 پۇقرا ئۆلتۈرۈلگەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.