ئەنگلىيە باش مىنىستىرى كامېرون ئاسادنىڭ سۈرىيىدىن بىخەتەر ئايرىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى

ئەنگلىيە باش مىنىستىرى داۋىد كامېرون سەيشەنبە كۈنى، ئەگەر سۈرىيە پرېزىدېنتى بېشىر ئاساد دۆلىتىدىن كېتىشنى قارار قىلسا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاسادنىڭ بىخەتەر ھالدا سۈرىيىدىن ئايرىلىشىنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.11.06

داۋىد كامېرون بۇ سۆزىنى سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «ئەل-ئارابىيا» خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقان بولۇپ، رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كامېرون سۆزىدە ئاسادنىڭ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرى ئۈچۈن سوتقا چىقىشى ھەمدە قاتتىق قوللۇقنى ئاخىرلاشتۇرۇشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ، «ئەلۋەتتە، مەن ئۇنىڭغا ئۇلۇغ بىرىتانىيىگە قېچىپ كېلىش پىلانىنى تەۋسىيە قىلمايمەن، بىراق ئۇ كېتىشنى خالىسا، بۇنى ئورۇنلاشتۇرۇش مۇمكىن» دېگەن.

ئەنگلىيە باش مىنىستىرىنىڭ ئاسادقا سۈرىيىدىن بىخەتەر ئايرىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىش ھەققىدىكى بىلدۈرۈشى خەلقئارالىق دىققەتكە ئېرىشتى.

كامېرون بۇ سۆزنى ئېيتقان كۈنى يەنە تۈركىيە مەتبۇئاتلىرى 7 نەپەر سۈرىيە گېنېرالنىڭ تۈركىيىگە قېچىپ كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە خەۋەر تارقاتقان ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، مەزكۇر يەتتە نەپەر گېنېرال تۈركىيە تەۋەسىدىكى سۈرىيىدىن قاچقان ئەسكەرلەرنىڭ پاناھلىنىش لاگېرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغىچە ئاسادنىڭ مەلۇم ساندىكى ھەربىي قوماندانلىرى ۋە ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى تۈركىيىگە قېچىپ كەلگەن شۇنىڭدەك سۈرىيىدىن ئايرىلىپ، تۈركىيىگە ئورۇنلاشقان مۇساپىرلارنىڭ سانىمۇ 100 مىڭدىن ئاشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.