يەنە ئىككى نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك سۈرىيە گېنېرالى تۈركىيىگە كېلىۋالدى

تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جۈمە كۈنى يەنە ئىككى نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك سۈرىيە گېنېرالى سۈرىيىدىن قېچىپ تۈركىيىگە كېلىۋالغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.03.19

بەشىر ئەل ئەسەد ھۆكۈمىتى سۈرىيىدىكى ئۆكتىچى كۈچلەر ئۇستىدىن باستۇرۇشنى باشلىغان ئۆتكەن بىر يىل جەريانىدا جەمئىي 9 نەپەر سۈرىيىلىك ھەربىي قوماندان تۈركىيىگە قېچىپ كېلىۋالغان.

بۇ ھەقتە توختالغان تۈركىيە دىپلوماتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەكشەنبە كۈنى يەنە سۈرىيىدىكى باستۇرۇشتىن قاچقان 200 ئادەم تۈركىيە چېگراسىغا كىرگەن.

تۈركىيە دىپلوماتى: بۇ نۆۋەت تۈركىيىگە كىرگەن سۈرىيىلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى بالىلار ۋە ئاياللار تەشكىل قىلىدۇ، دېدى.  نۆۋەتتە تۈركىيىدە پاناھلانغان سۈرىيىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 16 مىڭدىن ئاشىدىكەن.

سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئۆكتىچىلەر ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەر ئۇستىدىن قوراللىق باستۇرۇشنى باشلىغاندىن كېيىن، ئەرەبلەر ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغا كەلگۈچە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ باستۇرۇشىدا ئۆلگەن سۈرىيىلىكلەرنىڭ سانى 8 مىڭدىن ئاشىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.