ئامېرىكا-تۈركىيە بىرلىشىپ، سۈرىيىنىڭ شىمالىدا ئۇچۇشقا چەكلەنگەن رايون قۇرۇشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن «مىللەت» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە بىرلىشىپ، سۈرىيىنىڭ شىمالىدا ئۇچۇشقا چەكلەنگەن رايون قۇرۇشنى پىلانلىغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.11.07

«مىللەت» گېزىتىنىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، تۈركىيىنىڭ ش ئا ئە ت دىن تۈركىيە-سۈرىيە چېگراسىغا «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى، مەزكۇر پىلان بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە يەنە، ئامېرىكا-تۈركىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ بىر قانچە ئايدىن بۇيان، ئىزچىل مەزكۇر پىلاننى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا سۈرىيىگە بىۋاسىتە ھەربىي ئارىلىشىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇچۇشقا چەكلەنگەن رايون قۇرۇپ، «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئارقىلىق سۈرىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى توسۇشقا كېلىشكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇچۇشقا چەكلەنگەن رايوننىڭ قۇرۇلۇشى مۇساپىرلارنىڭ سۈرىيىگە قايتىشىغا ئوڭۇشلۇق يارىتىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆكتىچىلەرنىڭ ئاساسلىق بازىسى بولغان ئالىپو بىلەن، سۈرىيە-تۈركىيە چېگراسى ئارىلىقىدىكى رايونلاردا پائالىيەت قىلىدىغان قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا يەنە، سۈرىيە-ئىئوردانىيە چېگراسىدىكى رايونلاردىمۇ ئۇچۇشقا چەكلەنگەن رايون قۇرۇشنى پىلانلىغان. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ خەۋەرنىڭ 7‏-نويابىر ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق سايلىمى ئاخىرلىشىپ، ئوباما سايلامدا غەلىبە قىلغان كۈندە ئېلان قىلىنىشىغا دىققەت قىلغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئوباما سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سۈرىيە ۋەزىيىتىگە ئىككىلەنمەي ئارىلىشىشىغا پۇرسەت تۇغۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.