سۈرىيىدىكى قىرغىنچىلىق داۋام قىلماقتا

مەركىزى ئەنگلىيىدىكى سۈرىيىدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىش ئۆيى ئالدىنقى كۈنى ئەسەد ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق كۈچلەرنىڭ سەرمىن شەھىرىدە تۈركىيىگە پاناھلىنىش ئۈچۈن قېچىپ كېتىۋاتقان ئاۋام خەلقنى ئوققا تۇتۇپ، 10 دەك كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ئۆلگەنلەر ئارىسىدا بالىلار ۋە ئاياللارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-03-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يەنە ئوخشاش رايوندا تۈنۈگۈن ئازاد سۈرىيە كۈچلىرى بىلەن ئەسەد كۈچلىرى ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 12 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

سۈرىيىدىكى قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، دۆلەتلەر سۈرىيىدىكى ئاۋام خەلققە ياردەم بۇيۇملىرىنى ئەۋەتىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلماقتا. تۈنۈگۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بەشەر ئەسەدنى شىددەتنى توختىتىش، ئىنسانىي ياردەم پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىق ۋە دۆلەتتە سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتىن تەركىب تاپقان تىنچلىق پىلانىنى قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاقساراي يەنە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتوننىڭ يېقىندا ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدىغان «سۈرىيە دوستلىرى» يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. يىغىندا ۋەكىللەرنىڭ ھازىر تالاش-تارتىش پەيدا قىلىۋاتقان سۈرىيىدىكى ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارغا قورال ياردىمى قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە ئاساسلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. «سۈرىيە دوستلىرى» يىغىننىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىكى 60 دۆلەتنىڭ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن تۇنىستا چاقىرىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت