ئەمما تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان خىتاي زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئەردۇغان بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ھەم خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن.
9-ئاپرېل تۈركىيە-سۈرىيە چېگراسىدا يۈز بەرگەن، سۈرىيە ئەسكەرلىرىنىڭ تۈركىيە چېگراسى ئىچىگە ئوق ئېتىپ، 4 نەپەر سۈرىيىلىك مۇساپىرنى ھەم مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ ئىككى نەپەر تۈركىيىلىك خىزمەتچىسىنى يارىلاندۇرۇش ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيە-سۈرىيە مۇناسىۋىتى جىددىيلەشكەن ئىدى.
8-ئاپرېل كۈنى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان ھەم تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئۈرۈمچىدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچى كوچىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان قاتمۇ-قات ساقچىلىرىنىڭ نازارىتى ھەم توسقۇنلۇقىغا قارىماستىن، كوچىغا چىقىپ، ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، سۆيگۈسىنى ئىپادىلىگەنلىكى ئىككى كۈندىن بۇيان تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاساسلىق خەۋەر ئوبيېكتى بولماقتا.